ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن راست گەپ قىلىپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى، دېدى

2022.03.14 22:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان مۇھىم بىر يىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن خەلق تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق تورى: ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن ياخشىمۇ سىز، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا قانداق تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» سۇپىسى ئارقىلىق پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، «ئەزالارنىڭ تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ يىل، مەن ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلەردىن «شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹بىر بەلباغ، بىر يول›نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»، «شىنجاڭنىڭ شامال، نۇر ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ» قاتارلىقلار بار.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ياڭ سۇڭ قاتارلىق ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تەكلىپ بېرىپ، جۇڭگو ئاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدۇق. 2017-يىلى 3-ئايدا، مەن بىرىنچى تەكلىپ بەرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ياڭ سۇڭ قاتارلىق سەككىز ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە تاپشۇرغان «ئېلىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەملىكەت بويىچە ئاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» قاتارلىقلارنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر 2020-يىلى 9-ئايدا قوبۇل قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاتچىلىق كەسپى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بۇ يىل، بىز يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، جۇڭگو ئېتىنى ئېلىمىزنىڭ ئات بەيگىسى ۋە چەۋەندازلىق تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە يېتىشتۈرۈلگەن ئاتلارنى زامانىۋى كۆپەيتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، «جۇڭگو ئېتى» ماركىسىنى يارىتىش تەكلىپىنى بەردۇق.

  خەلق تورى: 2022-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش دېيىلىدۇ) قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ؟

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن: شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش باشتىن-ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، 2022-يىلى بىز ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى مەسىلىلەرنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتنى پەسەيتىشكە يېتەكلەيمىز. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپلەشكەن تەدبىر-تەكلىپلەر ئارقىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىسى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «يېتەكلەش» ئىقتىدارى، «ئايلاندۇرۇش» سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، چىن، جانلىق، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىش لازىم.

  خەلق تورى: شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا قانداق قىلىپ تېخىمۇ زور رولىنى نامايان قىلالايدۇ؟

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن: بىز شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا ئەقىل كۆرسىتىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىز «دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش» ھېسسىياتىمىزنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، يارقىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىشلار ۋە ھەر كۈنى ھېس قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلارنى ياخشى كېڭىشىپ، «ئەزالارنىڭ تاپشۇرۇقى»نى تېخىمۇ ئىللىق، تېخىمۇ ۋەزىنلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى كۆزلەيدىغان قەلب، ئىستىلدا راستچىل بولۇش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، رەسمىيەتچىلىك، شەكىلۋازلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىك ئادا قىلىش سۇپىلىرىدىن بىر تۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى خەلق ئۈچۈن ئادا قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇش، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىنكاس قىلىپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  خەلق تورى: شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يېڭى ئىمتىھان يولىدا قانداق قىلىپ ياخشى ماڭىدۇ؟

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن: يېڭى ئىمتىھان يولىدا ياخشى مېڭىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىز «ئىككى ئومۇملۇق»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇشۇ بويىچە قانات يايدۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا كۈچەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىشىمىز كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ «مۇھىم بازا، مۇھىم سۇپا، مۇھىم يول»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ چۆرىدەپ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ھەقىقىي جاۋاب بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشۋىقاتچىسى، ئىدىيەۋى-سىياسىي باشلامچىسى، ساھەدىكى ئاممىنىڭ غەمگۇزارى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ