مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بېيجىڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى

2022.03.14 21:58 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى:

  بېيجىڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 18 ئالتۇن مېدال، 20 كۈمۈش مېدال، 23 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى، مېدال سانى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈردى، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، كۈرەش قىلىشقا قاتنىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئېگىلمەيدىغان-سۇنمايدىغان، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتلىق زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭلار. سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئەخلاق ئالتۇن مېدالى، ئۇسلۇب ئالتۇن مېدالى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كاتتا يىغىندىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو مېيىپلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ قالتىس ئىپادەڭلار جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا مەنىۋى كۈچ قوشتى. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ!

  ھازىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. سىلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مېيىپلەر تەنتەربىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ خىرىسقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىغا ئىلھام بېرىشىڭلارنى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى

  گوۋۇيۈەن

  2022-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ