مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىلنار ئابدۇللا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملەشنى چىقىش قىلىپ « شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن تاكلىپنى سۇندى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابدۇللا

2022.03.09 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  (2022-يىلى 2-ئاي)

  شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بېرىمەن:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئەھمىيەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان، ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، نازارەت قىلىپ باھالاش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، نېگىزلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككىنچى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى ھەقىقىي تۈردە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىبىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ھەم ئالاقىدار ئاكادېمىيە-تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم داشۆگە تايىنىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەتقىقات ئورنى (ئىشخانا،مەركەز) تەسىسقىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئېنىق نىشان-تەلەپ، باھالاش ئۆلچىمى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇزاق تارىخقا، چوڭقۇر ئىددىيەگە ۋە ئادىمىيلىككە ئىگە نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇسسۇل قاتارلىق سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئالىي مەكتەبلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دەل جايىدا يۆلەپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، يېڭى ۋارسلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ۋاسىتىنى تولۇق قېزىپ، قەدىمىي ئەسەرلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىراجەت ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتنى ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ