مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك

2022.03.08 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. قىزغىن ئالماشتۇرۇش، جانلىق كەيپىيات، سەمىمىي دوستلۇق «مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تەك ئىناق مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

  دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا دۆلەت خارابلىشىدۇ، جەمئىيەت داۋالغۇيدۇ، خەلق بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. بۇ، تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ چىقىرىلغان مۇھىم يەكۈن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  خەتەرنى ئويلاپ تۇرغاندا، خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، قالايمىقانچىلىقنى ئويلاپ تۇرغاندا، توغرا ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. مەيلى تۈرلۈك ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئاغدۇرمىچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدىكى مىللەت ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولسۇن، ھەممىسى بىزدىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇھىم ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ئاڭلىق تونۇشىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ