مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى يىغىن ئوبزورى: يۇقىرى باھالىق تويلۇق ۋە ئۆيلىنىش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى توسۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

2022.03.08 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى يۇقىرى باھالىق تويلۇقنى توسۇپ، ئۆيلىنىش سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر يۈككە ئايلاندى، نۇرغۇن جايلاردا ئۆي ۋە ماشىنا، يەنە 150 مىڭ يۈەن نەق پۇل... ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان توي تەننەرخى نۇرغۇن كىشىلەرنى توي قىلىشنى ئويلاشقا پېتىنالماس قىلىپ قويدى، شۇنداقلا توي سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، توي سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  2022-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يۇقىرى باھالىق تويلۇق، توينى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» ۋە ئۆيلىنىش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، توينى يېڭىچە قىلىش، توينى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى پائال تەشەببۇس قىلىش، كەنت ئەھدىنامىسى ئارقىلىق تويلۇق، زىياپەت ئۆلچىمىنى پۈتۈشۈش، قارىغۇلارچە بەسلىشىش قىلمىشلىرىنى ئازايتىش كېرەك. تويلۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى «سوۋغات»قا قايتۇرۇپ، «يۇقىرى باھالىق تويلۇق»نى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى توسالغۇ قىلىپ قويماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ