مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2022.03.05 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  باھار قۇياشىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر جانلاندى. بۈگۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 34 ساھەدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن، پايتەختكە جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر قاتار چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، بىر قاتار خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، 3 ـ تارىخىي قارارنى تۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، ئاجايىپ، قالتىس ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، دۇنياغا ئوچۇق ـ يورۇق، باي، قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈمىدكە تولغان دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى!

  ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

  ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، ئۈزلۈكسىز ھالدا غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر بىرلىك سەپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىدى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك ۋە كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭىشىش داۋامىدا كەڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشلارغا يولۇققاندا كۆپرەك كېڭىشىش، ئىش قىلىشتا كۆپرەك كېڭىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنى جۇڭگودا يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ناھايىتى ئەسقاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز جەزمەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  2022 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم بىر يىل، كېيىنكى يېرىم يىلدا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ