مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: كەنت كادىرلىرى غەيرەتلىك، ئىستىقباللىق، ئۈمىدلىك بولسۇن

2022.03.04 22:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. كەنت كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى، ساغلام بولۇش-بولماسلىقى ناھايىتى زور دەرىجىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، نۇرغۇن جايلاردا كەنت ياچېيكا شۇجىسى ۋەكىللىكىدىكى كەنت كادىرلىرى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈنلەي خىزمەتتىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىلىشىپ، كاپالەتكە ئىگە، سالمىقى بار «تۆمۈر تاۋاق»قا ئىگە بولغان. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يۈزلىنىش كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئىلگىرى، كەنت كادىرلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ ئىدى، بەزىدە ئىش تۈگىمەي تۇرۇپلا ئادەم ئالمىشىپ قالاتتى؛ كەنت دەرىجىلىك ئىشلاردا ياردەم قىلىدىغانلار كۆپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلار ئاز بولۇپ، مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەتتە دائىم ئادەم تاپقىلى بولمايتتى... پەقەت كەنت كادىرلىرىنىڭ قوشۇنى مۇقىم بولغاندىلا ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتە تۇتقا بار بولىدۇ. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكىچە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن يېزا ئىستىلى، يېزا قىياپىتىگىچە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئادەم بولسىلا، ئىشلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنىڭ ھەممىسى ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

  ئەمەلىيەت داۋامىدا، مەخسۇس كەسىپلىشىش ھەققىدىكى تەمىنات مەسىلىسىنىڭ نۇرغۇن كەنت كادىرلىرىنىڭ «قەلبىدىكى تۈگۈن»گە ئايلانغانلىقى بايقالدى. مەسىلەن، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ ئىش قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كەنت كادىرلىرى ئىشخانىغا «باغلىنىپ» مەلۇمات جەدۋىلى تولدۇرىدۇ، ھېسابات دەپتىرى تۇتىدۇ، ئۈستىگە ئالىدىغان ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، مۇناسىپ كىرىمنى ماسلاشتۇرۇش بارغانسېرى تەسلىشىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، نۇرغۇن كەنت كادىرلىرى شۇ جايدىكى «بېيىش باشلامچىلىرى» بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە «قۇربانلىق بېرىش»كە توغرا كېلىدۇ، ئاز-تولا ئىش قىلىش ئۈچۈن «ئۆز يېنىدىن ئانچە-مۇنچە چىقىرىش» ئېڭى ۋە ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك؛ يەنە مەسىلەن، كەنتنىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، سىياسەتمۇ ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىش، مۇكاپاتنى قانداق بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر قىيىن مەسىلە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەمىنات مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنمىسا، ئىش بېجىرىش پىسخىكىسىغا تەسىر يېتىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئاجىزلاپلا قالماستىن، ئۇزاققىچە داۋاملاشقاندا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە قوشۇننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز بولۇپ، كەنت دەرىجىلىك ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى چەكلەپ قويىدۇ.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى چۈشىنىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان، ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن، ئىختىساسلىقلار «ئاسماندىن چۈشمەيدۇ». مۇۋاپىق ھەق سىستېمىسى، مۇۋاپىق تەمىنات سەۋىيەسى — ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەررەر تەلىپى. نۆۋەتتە، بەزى جايلار كەنت كادىرلىرىنى ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆسۈش يولىنى ئاچتى؛ بەزى ناھىيە، شەھەرلەر كەنت كادىرلىرىنىڭ «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» بىلەن قاپلىنىشىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان كەنت كادىرلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى جايىدا چۈشىنىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك ياردەم بەرگەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، كەنت كادىرلىرىنى مەخسۇس ۋەزىپىلەشتۈرۈش يەنە ساپا ۋە ئىقتىدارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر خىزمەتنى بىر خىل مەسئۇلىيەت دەپ قارىماي، پەقەتلا بىر كەسىپ، بىر تاماق قاچىسى دەپ قاراپ، شەخسىي پايدا-زىيان بىلەنلا ھېسابلاشقاندا، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلمەي، تايىنىۋېلىش، پايدا ئېلىشنىلا ئويلاپ، ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەي، نام-مەنپەئەتكە بېرىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا توختىماي قاتراپ، ئېتىز-ئېرىقلارغا ئاز يۈگۈرسە، ئۇنداقتا بۇنداق كەنت كادىرلىرى لاياقەتلىك كادىر بولالمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، شەكىلۋازلىق قىلىدىغان، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، ئورۇن تەلەپ قىلىدىغان «پېشقەدەم»لەرنىڭ ئەمدى بازىرى قالمايدۇ، ھەقىقىي ئىشلەيدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ياخشى كادىرلارلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ