مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەشنى قېلىپلاشتۇردى
2022.03.04 22:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئېلان چىقىرىپ، غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىن ئالغان ھەقلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ئاپپاراتنىڭ ھەق ئېلىش مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن تەربىيەلەشتە تەربىيەلەش قەرزى بېرىش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلەش ھەققى تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. بىر قېتىمدىلا ياكى قىممەت تولۇقلاش، ئىككىلەمچى كارتا قاتارلىق شەكىللەردە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ۋاقىت ئارىلىقى ئۈچ ئاي ياكى 60 دەرس سائىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ