مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش لازىم

2022.03.04 22:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تور سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىغا تەسىس قىلىندى. يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، يىغىن مۇددىتى ئالتە كۈن. بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بەش قېتىملىق گۇرۇپپا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنىدا چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىق قارار ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.

  گو ۋېيمىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىلى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان بىر يىل. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا قاراتتى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلايدۇ. مۇشۇ پەيتتە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ئېچىش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گو ۋېيمىن ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يارقىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

  گو ۋېيمىن «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى قانداق بولىدۇ»، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8.1 بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 110 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەزالارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل نىشان ئىچىدە ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز، شارائىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

  «جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى مۇناسىپ تەڭشەش-تەڭشىمەسلىك» مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە، گو ۋېيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى دۆلەتلەر، جۈملىدىن بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە يۇقۇم ئارقا-ئارقىدىن تەكرار كۆرۈلدى، داۋالاش بايلىقى كۆپلەپ نەقلەشتۈرۈلدى، ئېغىر كېسەللەر ۋە ئۆلگەن كېسەللەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر بىز ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىساق، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، ئىلىم-پەن قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىمىزنىڭ تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن، ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  گو ۋېيمىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلە، شۇنداقلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى مۇھىم قارالمىسى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى پەن-تېخنىكا تەتقىقات تارماقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش-ياساش تارماقلىرىنىڭ تايانچ كۈچلىرى. يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسىي كېڭەش كەڭ ئەزالارنى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق بىر قاتار قارالمىلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  گو ۋېيمىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولىدۇ. قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا جان تىكىپ ئېلىشىپ، پارلاق نۇر چاچىدۇ، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل بۆلۈمىز، «بىڭ دۈن دۈن»نى ياخشى كۆرگەندەك «شۆ روڭ روڭ»نى ياخشى كۆرۈمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ