مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گو ۋېيمىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، دەپ بىلدۈردى

2022.03.04 22:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى شەكىللەندۈردى. دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  گو ۋېيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭىشىش، نازارەت قىلىش، قاتنىشىش، ھەمكارلىشىشنى بىر گەۋدە قىلىپ، دېموكراتىك كېڭىشىش داۋامىدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ. كۆپ خىل كېڭىشىش شەكلى ۋە سۇپىسى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيدۇ.

  گو ۋېيمىن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە 34 ساھە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى ئاساسلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، 56 مىللەت، بەش چوڭ دىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق ساھە ئالاھىدىلىكى ۋە ئەزالار تەركىبى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلام، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ ئەمەلىي، كەڭ، ئۈنۈملۈك بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىر، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ