باش شۇجى بىلەن ۋەكىللەر، ئەزالار توغرىسىدا ھېكايە

«باش شۇجى بىز بىلەن قەلبداش»

2022.03.03 13:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ـ يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرگەن ئىدىم.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەسى باش ئۈجمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەمەت ئىبراھىم مەمتىمىن باش شۇجىنى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق يېقىن ئارىلىقتا كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ «خۇددى تېلېۋىزوردا كۆرگىنىمدىكىدەك يېقىملىق ۋە ئىللىق ھېس قىلغان ئىدىم» دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇربان تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يازغان خەتكە جاۋابەن بىر پارچە خەت يازغان ئىدى، ئۇ كۈنى يىغىن مەيدانىدا، مەمەتئىبراھىم قۇربان تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھاۋالە قىلغان پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلىرى بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى باش شۇجىغا كۆرسەتكەندە:

  ـــ ئادەم ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىكەن، ــ دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈرەتكە قارىغاچ، ـــ مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدادەرسلىك كىتابتىن قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم!

  باش شۇجىنىڭ ماختىشى ۋە غەمخورلۇقى يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى.

  باش شۇجى كۆيۈنگەن ھالدا:

  ـــ سىلەرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تېرىلغۇ يەر ئازكەن. سىز تۇرىدىغان ئۇ كەنتتە ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانچىلىك يېرى بار؟ ھازىر ئاشلىق تېرىمدۇ ياكى مېۋىلىك دەرەخ تىكەمدۇ؟ - دەپ سورىدى. مەمەت ئىبراھىم مەمتىمىن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا:

  - شىنجاڭ پايتەختتىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ، باش شۇجىنىڭ قەلبى بىزگە شۇنچە يېقىن ئىكەن! – دېدى.

  دەل شۇ قېتىملىق قاراپ چىقىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزىلاردا ئەمىن ئۆي ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر ـ بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقان-چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

  مەمەت ئىبراھىمنى خۇشال قىلغىنى، ئىككىنچى كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار چاي زىياپىتىدە، باش شۇجى بىلەن يەنە كۆرۈشكىنى ھەمدە باش شۇجىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى بولدى.

  باش شۇجى ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، يەنە ئۇنىڭغا نەق مەيداندا قويۇلغان نومۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈردى.

  نومۇرلار كەينى ـ كەينىدىن ئورۇنلاندى، ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ مەمەت ئىبراھىم دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ زېمىنى، تاغ-دەريالىرىنى ئەسكە ئالدى ۋە چەكسىز ھاياجانلاندى. مەمەتئىبراھىم باش شۇجىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى باش شۇجىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي... » دېگەن ناخشا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغاندا، ئۇ تولىمۇ خۇشال بولدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇ باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەن چاغنى، باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسىنى ئەسكە ئالاتتى. ئۇ قەلبىدە باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە قانچىلىك چوڭ قىيىنچىلىق بولسىمۇ چىدايدىغانلىقىنىى ئويلىدى.

  2019-يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقىغا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مەمەت ئىبراھىم قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ يېنىدىكى چېدىردا بىر تۇرغانچە 85 كۈن تۇردى.

  يۇرتداشلار نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندە، ئۇ بىرىنچى بولۇپ كەنتكە قايتىپ سۆھبەتيىغىنى ئاچتى.

  توشقان بېقىشنىڭ پايدىسى قوي بېقىشتىن كۆپ بولۇپ، ئۇ بىر - بىرلەپ ھېسابلاپ يۇرتداشلارنىڭ توشقان بېقىشنى خالىماسلىقتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ:

  ـــ بىر توشقان بىر يىلدا 40 نى تۇغۇدۇ، بىر توشقان 30 يۈەندىن بولسا، بىر يىلدا جەمئي 1200 يۈەن بولىدۇ، ـــ دېدى.

  ـــ توشقان ئۇۋىسىنى باشقۇرىدىغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كەنتىمىزنىڭ ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەنچە كىرىم قىلالايدۇ،ـــ دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

  ـــ ئاۋۋال توشقان ئۇۋىسىنى ياسىغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۇ تۇرۇببىسى، توك سىمى، ماتېرىيال يۆتكەش ئىش ئورنى قاتارلىقلارغا ھازىر ئادەم كېرەك، ـــ ئۇ توختىماستىن سۆزلەيتتى.

  ......

  مەمەتىبراھىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.

  ئۆيمۇئۆي كىرىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسى تۈگەپ، ئىشەنچىسى ئاشتى. بىر ئاي ئۆتمەيلا، بىر قۇرۇلۇش قوشۇنى نەسىللىك توشقان باقمىچىلىق تۈرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇردى.

  2019 -يىلى، بىر زامانىۋى توشقان ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، 1-تۈركۈمدىكى 50 مىڭ نەسىللىك توشقاننىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلدى؛ كەنتتىكى 70 نەچچە ئاھالە تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىقىپ، توشقان ئۇۋىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. كەنتكە ياردەم بېرىش كەسپى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  2022 ـ يىلى چاغاندا، ھاۋانىساخان تۇرسۇن توختىنىڭ ھويلىسى شادلىققا تولدى، ئائىلىسىدە بېقىلغان نەسىللىك توشقانلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىلگىرى توشقان بېقىشتىن ئەندىشە قىلغان بۇ موماينىڭ بۇلتۇرقى كىرىمى% 200 ئېشىپ، 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، سافا، چوڭ رەڭلىك تېلېۋىزورنىڭ بىرىنىمۇ كەم قىلماي سېتىۋالدى. مەمەت ئىبراھىم چوڭ ئانىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ھاۋانىساخان كۈلكىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ