مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2022.03.02 21:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يادرولۇق ساپاسىدۇر. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتا رەھبىرىي كادىرلار «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»دۇر. تەشكىلات تارماقلىرى تەشكىللەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىشى كېرەك.

  كادىرلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىشىشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتە ھەم ئومۇمىيەتنى تۇتۇش، ئاچقۇچنى كۆزلەش، ھەم ئايرىملىرىنى تۇتۇش، تەپسىلاتنى كۆزلەش كېرەك. فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ روھىي تومۇرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك قانۇنچىل قوشۇنلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ قانۇنچىل ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مەيدانىدىن تەۋرەنمەسلىك، ئىدىيەسىدىن ئېغىپ كەتمەسلىككە يېتەكلەش كېرەك.

  كادىرلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە موھتاج. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئىقتىدارىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، ئېھتىياج يېتەكچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىل كەسپىي كادىرلارنى تاللاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، ئاۋۋال جىددىي بولۇش، ئاۋۋال ئۆگىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇنچىللىق بويىچە تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى كادىرلار تەربىيەسىنىڭ زۆرۈر بۆلىكى قىلىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنىدا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «ئىسلىتى دۇرۇس بولسا، بۇيرۇق قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆزى دۇرۇس بولمىسا، بۇيرۇققا بويسۇنمايدۇ.» تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشقۇرىدىغان كادىرلار بولۇپ، قانۇنچىللىق ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى ئىشلىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى يېشىشتە قانۇنغا تايىنىشقا يېتەكلەپ، قانۇنچىللىق روھىنى بارلىق كادىرلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقنىڭ ئومۇمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇنغا ھېيىقىش روھى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قانۇنچىللىق روھى بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا قانۇنچىللىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇنچىللىق چېگراسىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئارقىلىق، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق توغرا كەيپىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ