مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە دېموكراتىيە نېمە ئۈچۈن ئاقىدۇ، ناھايىتى ئەسقاتىدۇ؟

___ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى (1)

2022.03.02 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  تەھرىر ئىلاۋىسى: خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ كەلگەن بايراق. «خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە ئىكەنلىكى»نى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى «ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە دېيىلىدۇ؟» مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ئالدىدا، «خەلق مۇنبىرى» سەھىپىسىدە «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى»گە ئائىت يۈرۈشلۈك ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

  مۇنداق بىر ھېكايە بار: 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى «لايىھەسى» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئالدى، جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى بولغان، 15 ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە پونكىتىنىڭ بىرى بولغان جىمىڭشەن مەھەللىسى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە پونكىتى پىكىر-تەكلىپ ئېلىش سۆھبەت يىغىنىنى يېمەك-ئىچمەك كوچىسى رايونىغىچە ئېچىپ، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، قولاي دۇكان، كىچىك مېھمانسارايلارنىڭ ئىگىلىرى بىلەن يۈزتۇرا مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك لايىھەنى چۆرىدەپ تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان نۇرغۇن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. بۇ كىشىلەرنى خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان يېمەكلىك سۈپەت كاپالىتى مۇددىتى ئەسكەرتمىسى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەكلىپ ئاخىرى قوبۇل قىلىندى ھەمدە قانۇن ماددىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، «جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ جۇڭگودا ئاقىدىغان، ناھايىتى ئەسقاتىدىغان»لىقىنىڭ كونكرېت كارتىنىسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دېموكراتىيە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئىدىيە.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسى، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەتلىك دېموكراتىيە، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيە، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ، پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. بۈگۈنكى كۈندە، دېموكراتىيە نۇرى جۇڭخۇا زېمىنىنى يورۇتتى، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭخۇا زېمىنىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

  ھەممىگە ماس كېلىدىغان دېموكراتىيە يوق، ماس كەلگىنى ئەۋزەل، ئىدارە قىلىش ئوخشاش بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛ خەلققە پايدىلىق بولغىنى ئەۋزەل.» جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ جۇڭگودا ئېقىشى، ناھايىتى ئەسقاتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيەسى جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن. دېموكراتىيە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن سىياسىي فورماتسىيە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ھالبۇكى، دېموكراتىيە تارىخىي، كونكرېت، تەرەققىي قىلغان، دۇنيادا ھەممىدىن ئېسىل بىر خىل دېموكراتىيە شەكلى يوق. بىر خىل دېموكراتىيە شەكلىگە باھا بېرىشتە، مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا، ئۆز دۆلىتىنىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا، سىياسىي مۇقىملىق، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن-ئېرىشەلمىگەنلىكىگە، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان-قوشمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  جۇڭگو دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى باشتىن-ئاخىر نوپۇس كۆپ، ئاساس ئاجىز بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، 5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە باشتىن-ئاخىر ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچنى باشتىن-ئاخىر توغرا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولدى. پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ توپلىغان مەدەنىيەت ئوزۇقلۇقىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، چوڭقۇر رېئال ئاساسقا ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى.

  جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ جۇڭگودا ئاقىدىغان، ناھايىتى ئەسقاتىدىغان بولۇشىدىكى سەۋەب __ يەنە پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى ۋە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىدا. «كىچىك ھويلىدىكى كېڭەش زالى»دىن «ئۆي-جاي مەيداندىكى سەمىمىي سۆھبەت يىغىنىغىچە؛ توردىكى «يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»، توردىكى «كېڭىشىش توپى»دىن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراش، ئەلدىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرغاندىن تارتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشە، ئارزۇ-ئۈمىد مەسىلىلىرىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشىغا قاتنىشىشقىچە... مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى ۋە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى قىممەت ئىدىيەسىدىن جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىدىغان تۈزۈم شەكلى، ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىدە كونكرېت، رېئال ئىپادىلەندى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجە خىزمەتلىرىدە كونكرېت، رېئال ئىپادىلەندى؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، رېئال ئىپادىلەندى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، خېبېي جېڭدىڭدا، يولداش شى جىنپىڭ دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ يېزىلارغا باراتتى. پۇقرالار بۇ كادىرنىڭ سەمىمىيلىكىنى كۆرۈپ، ھەممىنى دېيىشنى خالىدى، ئۇمۇ جېڭدىڭنىڭ «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» ئىكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە قالپاقنى ئېلىۋېتىش چارىسىنى تاپتى. بۈگۈنكى كۈندە، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك سىياسىيغا قاتنىشىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، خەلقنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇشى مول مەزمۇنلۇق بولدى، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى ۋە مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ، ئورگانىك جىپسىلاشقان خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل، راۋان، تەرتىپلىك دېموكراتىيە يولىنى بەرپا قىلىپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىن خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتكەندىلا، بىز چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈم ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۇرغۇتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ