مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى چاچ بوغقۇچنىڭ رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» قانداقمۇ سىرتقى قىياپەت مائارىپى بولسۇن؟

2022.02.28 21:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خېنەن جېڭجوۋ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە شەكىلۋازلىق مەۋجۇت ئىكەن. مەسىلەن، ئادەتتىكى ئوقۇتۇشتا، قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرلىككە كەلگەن چاچ بوغقۇچ ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. تورداشلارنىڭ قارىشىچە، چاچ پاسونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن چاچ بوغقۇچنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قانداق چۈشىنىش كېرەك.

  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكىسى دېگەندەك پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، ئۈچ قاراش شەكىللىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرغاچقا، تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىيىنىشى، چاچ پاسونى ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ، بەلگىلىك قائىدە ۋە چەكلىمە بولۇشى كېرەك. لېكىن، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش رەڭلىك چاچ بوغقۇچ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ئەمەس.

  «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قائىدىسى»، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى»دە ئېنىق تەلەپ بار، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشى، چاچ پاسونى، چاچ بوغقۇچى قاتارلىق كۈندىلىك كىيىنىشى ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولمىسىلا بولىدۇ، مەكتەپ بۇنىڭغا قارىتا باشقا ئالاھىدە بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى كېرەك.

  «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى»دە باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چاچ بوغقۇچىنىڭ رەڭگىگە قارىتا ئېنىق چەكلىمىلىك بەلگىلىمە يوق، بۇمۇ ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى چاچ بوغقۇچ ئىشلىتىشنىڭ نامۇۋاپىق يېرى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «باشلانغۇچ مەكتەپلەر» «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش رەڭلىك چاچ بوغقۇچ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى ھەرگىزمۇ سىرتقى قىياپەت تەربىيەسى ئەمەس، بەلكى بىر خىل زىيادە تەلەپ. مۇشۇنداق سىرتقى قىياپەت تەربىيەسى بويىچە بولغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى، شەپكىسى قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى بىردەك بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر مۇشۇ لوگىكا بويىچە بولغاندا، مەكتەپ مۇدىرى ئالماشسىلا، باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا بىر خىل رەڭدىكى چاچ بوغقۇچ ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

  ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىيىنىشى، چاچ پاسونى قاتارلىقلارغا قارىتا، مەكتەپ پەقەت «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قائىدىسى»، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت قائىدىسى» قاتارلىقلارنى قاتتىق ئىجرا قىلسىلا بولىدۇ، چاچ پاسونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، چاچ بوغقۇچنىڭ رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېچىغا تىكىلىپ، چاچ پاسونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى، ھەتتا قىزلارنىڭ چاچ بوغقۇچىنىڭ رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاقما لىنىيەلىك تەربىيە بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خاراكتېر تەرەققىياتىغا پايدىسىز، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىسىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ