مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يېغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى؛ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2022.02.28 13:21 مەنبە: خەلق تورى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 2-ئاينىڭ27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 157 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدىن بىرسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش بولۇپ، يىغىن كۈنتەرتىپىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىش، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ تىزىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي ئۇنۋاننى ئاساس قىلغان سېرژانت، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي خىزمەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى تۈزۈمى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە ئاساسلىقى ئەسكەرلەر ھەربىي ئۇنۋانىنىڭ خاراكتېرى، تەسىس قىلىنىشى، باشقۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇن بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا بۇ لايىھەگە چۈشەنچە بەردى.

  «چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى پىلانى پىروگراممىسى»نىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، پۇل مۇئامىلە سوت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چېڭدۇ-چۇڭچىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. لايىھەدە چېڭدۇ-چۇڭچىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى، نازارەت قىلىش، سودىيەلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ لايىھەگە چۈشەنچە بەردى.

  يىغىندا جۇ چياڭ بەرگەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرى دەۋا تەرتىپى توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىنىڭ قارار قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، ئاساسلىق ئۈنۈمى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار سۆزلەپ ئۆتۈلۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوغداشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بازارنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى قوغداپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى خەلقئارا ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ پائال قاتنىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ