مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئىغۋاگەرچىلىكى بىر كۈن توختىمايدىكەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرىكىتى بىردەممۇ توختىمايدۇ

2022.02.25 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرنىڭ سوئالى: تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «تەيۋەن ئارمىيەسى» چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۈرلۈك مەشق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى توختاتمىغان، تەيۋەن«قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى» ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسى ۋە تۈرلۈك ئۇرۇش تەييارلىقى مانېۋىرىنى ئىجرا قىلغان، «دېڭىز ئارمىيەسى» ناملىق ھەربىي پاراخوت دېڭىز ئەھۋالىنى قاتتىق نازارەت قىلغان، «ھاۋا ئارمىيەسى» جىددىي تاقابىل تۇرىدىغان ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىپ، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئايروپلانىنىڭ چاغان مەزگىلىدە تەيۋەننىڭ«غەربىي جەنۇب ھاۋا بوشلۇقى»غا داۋاملىق كىرىشىگە تاقابىل تۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەن تاراتقۇلىرى يېقىندا يەنە ئازادلىق ئارمىيەنىڭسۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى«تۇنجى قېتىم تەيۋەننى ئايلىنىپ چىقتى» دەپ خەۋەر بەرگەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  تەن كېفېي جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى چەت ئەل كۈچلىرىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ كۈچ ۋە ئورنىنى يۇقىرى چاغلاپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق«مۇستەقىللىق» ئىغۋاگەرچىلىكى سېلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتتى، بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان مەنبە، شۇنداقلا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاپەت. ئازادلىق ئارمىيە تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى كۈچىنى تەشكىللەپ، كۆپ تۈركۈم پاراخوت، ئايروپلانلارنى دائىملىق چارلاش، سىگنال بېرىش، چارلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، «مۇستەقىللىق» ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ۋەتەن زېمىنىنى قوغداش باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ئىش. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئىغۋاگەرچىلىكى بىر كۈن توختىمىسا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى بىردەم توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ