مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«رەقەملىك شەكىلۋازلىق» پەيدا بولۇش، يامراشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم

2022.02.24 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن بەزى جايلاردا تەرەققىيات جەريانىدا «رەقەملىك شەكىلۋازلىق» پەيدا بولۇپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش بىلەنلا قالماي، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  مەسىلەن، بەزى توردىكى مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سۇپىسىدا، ئامما ئىنكاس قىلغان خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە قارىتا، قايتۇرۇلغان جاۋابلار بىر خىللا ھەمدە «ھۆكۈمەت تەلەپپۇزى»دا بولدى. ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپى پەقەتلا ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇلدى، سۇپىدا «بېجىرىلدى» دەپ كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئىشنىڭ داۋامى يوق بولدى، مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىدى.

  بەزى جايلار APP نىڭ چېكىلىش نىسبىتى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامغا كۆرسەتكۈچ چۈشۈرۈپ، سېلىق سېلىپ، ھەر ھەپتىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىنتايىن پاراكەندە قىلدى، بەزى جايلاردا بىر ئادەم بىر قانچە يان تېلېفون بىلەن چېكىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ھەتتا «گۇپپاڭچى»لارنى ياللاپ ئەگەشكۈچى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى.

  ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئاددىي پايدىلىنىشنى خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش دەپ قاراپ، تولۇق دەلىللىمەيلا ئۇچۇر سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كىرىشىپ، «بىردەملىك قىزغىنلىق»تىن كېيىن «ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇپ»، ئاممىنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلىنى ئىسراپ قىلدى.

  ئەنئەنىۋى شەكىلۋازلىققا سېلىشتۇرغاندا، «رەقەملىك شەكىلۋازلىق» تېخىمۇ يوشۇرۇنلىققا ئىگە. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى رەتلەشتىن بايقىلىشىچە، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت، ئاساسىي قاتلام رەقەملەشكەن ئىش بېجىرىش قاتارلىق ساھەلەردە «رەقەملىك شەكىلۋازلىق» باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان، بۇ ئەھۋالنى دەرھال توسۇش زۆرۈر.

  «رەقەملىك شەكىلۋازلىق»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپ خىل بولسىمۇ، لېكىن ماھىيىتى يەنىلا ئەمەلىيەتكە سەل قاراش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئارقىسىدا نەتىجە قارىشى خاتا بولۇش، ئىستىلدا تەلەپچان بولماسلىق، راستچىل بولماسلىق مەسىلىسى بار. رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش پەقەت ۋاسىتە، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن پۇختا مۇلازىمەت قىلىش مەقسەتتۇر. رەقەملەشتۈرۈپ تۈزەشنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئاممىنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  «رەقەملىك شەكىلۋازلىق»تىن ساقلىنىشتا، چوقۇم ساختىلىقتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي بولۇش لازىم؛ سان-سىفىرغىلا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىپ، ئەمەلىي بولۇپ، ساختىلىقتىن ساقلىنىش لازىم؛ رەقەملىك ئابرۇي قۇرۇلۇشىغا بېرىلىپ كەتكەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت، سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش — رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ مەقسەتتىن چەتنەپ «رەقەملىك شەكىلۋازلىق» قىلىنسا، ئەسلىي مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ