ئامېرىكا تەيۋەنگە 100 مىليون دوللارلىق قۇرال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگومۇ قارشى جازا يۈرگۈزدى

2022.02.22 10:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى:2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا تەيۋەنگە 100 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو چوقۇم ئورۇنلۇق، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى، كۆپچىلىكنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باياناتچىنىڭ بۇ ھەقتە سىرتقا تەمىنلەيدىغان يېڭى خەۋىرى بارمۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگو تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا، بولۇپمۇ «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ «چەت ئەلنىڭ جازالىشىغا قارشى جازالاش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ بېرىشىگە ئۇزاق مۇددەت قاتناشقان ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىسى رېيشيون تېخنىكا شىركىتى ۋە لوكھىد مارتىن شىركىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ