مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىدى

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يېنىك قوراللاندۇرۇپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك

2022.02.15 12:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق — پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش، ئەرزىيەت، كۆزىتىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ئۈزلۈكسىز نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  كونا مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ شەكىلۋازلىق جاھىل كېسەللىرىنى تۈزىتىش كېرەك

  شەكىلۋازلىق — جاھىل، كونا كېسەل، ئۇنى بىرلا جەڭ بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان بەزى شەكىلۋازلىق كونا مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت، يەنە بەزى شەكلى ئۆزگەرگەن، يوشۇرۇن يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىلەر كۆرۈلدى. دىققەتنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىقلار زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرارلىنىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق كونا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خېجوۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تۆت تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىقلار كۆپ تەرەپلىك، تەكرار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىدى. ھازىرغا قەدەر، شەھەر دەرىجىلىك ھۆججەت تارقىتىش سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.28 تۆۋەنلىدى، يىغىن ئېچىش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 تۆۋەنلىدى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.29 تۆۋەنلىدى.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى يېنىكلىدى، خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستى

  «ئەينى چاغدا مەن ساناپ باقتىم، پەقەت ئاھالىلەر كومىتېتىدىلا 99 ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، بەلگە تاختىسى، تۈزۈم تاختىسى، تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن، ماتېرىيالى ھەر خىل بولۇپ، كۆرگەن ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئالاچەكمەن بولۇپ كېتىدىكەن.» خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھىرى چىشيەن ناھىيەسى شىتەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «بەلگە تاختىسى ئېسىش، تۈزۈمنى تامغا ئېسىش» ئارقىلىق خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ۋىۋىسكىنى ئېلىۋەتسە يىل ئاخىرىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكتىن قورقىدۇ.

  بىر يىلدىن كۆپرەك مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، شىتەن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىدا بۇرۇنقى «ھەممە يەرگە تولۇپ كەتكەن، قالايمىقان ئېسىلغان» بەلگە تاختىلىرى كۆرۈنمىدى، پەقەتلا شىتەن مەھەللىسى ياچىيكا كومىتېتى، ئاھالىلەر كومىتېتى، ئاھالىلەر ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى، ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەركىزىدىن ئىبارەت تۆتلا تاختا قالدى.

  كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، باھالاش ئازايدى، بەزى جايلار ۋە تارماقلار كىچىك ئەترەت ئەۋەتىپ، «ئاستاغىنا» تۆۋەنگە چۈشۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى، «نەچچە باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش» كۆپەيدى؛ بىر كەنت كومىتېتىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنى ساناپ بولالمايدىغان كۆرۈنۈشلەر ئازايدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىرىنچى سەپكە بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ۋاقتى كۆپەيدى؛ يان تېلېفوندا «توپقا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇش»، «ئۇچۇر تېغىغا يامىشىش» ئەھۋالى ئازايدى، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئامما ئۈچۈن جىددىي، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشى كۆپەيدى... تەكشۈرۈش قەغىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، %89 ئاساسىي قاتلام كادىرى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدىن رازى بولغان، %92 ئاساسىي قاتلام كادىرى ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئازايتىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇشتا ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ