مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

كۆلىمىدە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2022.01.20 20:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى 1 تىرىليون 149 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئېشىپ، ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆلەم جەھەتتە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە مەبلەغ جەلپ قىلىش بىر قەدەر تېز ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق %10.7 ئاشقان، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى %19.2 ئاشقان. مۇلازىمەت كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى 906 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.7 ئاشقان.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سالغان مەبلەغ بىر قەدەر تېز ئاشقان، ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %29.4 ۋە %29 ئاشقان.

  شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %14.6، %20.5 ۋە %14.2 ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2022-يىلى، سودا مىنىستىرلىقى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە تۈر مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئومۇمىي مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن تېخىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ