مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىزمۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان بولدۇق!»

2022.01.20 20:18 مەنبە: خەلق تورى

  ئىستون باشلاش سۆزى

  چاغان ھەمىشە كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېچىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قەدىمى مەزمۇت. ئېگىلمەس-سۇنماس، گۈللەپ ياشنىغان جۇڭگودا، ھەممىلا يەردە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ھېكايىلىرى بار.

  بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلدى، مۇخبىرلىرىمىز تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ، چاغاننىڭ ھىدىنى ئىزدەپ، سىزنى باشلاپ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە بىرلىكتە گۇۋاھ بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى مەدھىيەلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جاڭ ليەنخۇا پۈتۈن دىققىتى بىلەن يىڭنە ئىشى قىلىشقا باشلىدى: ئاق رەڭلىك تىۋىت يىپ سول قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا ئىككى قېتىم ئايلانماقتا ئىدى، جاڭ ليەنخۇا ئوڭ قولىدا ئىلمەك يىڭنە تۇتۇپ، سول قولىدا ئاغزىنى سەل ئېچىپ، يىپ ئۇچىنى چىڭ تارتىپ، باش بارماق بىلەن يىڭنىنى كۆزگە كىرگۈزەتتى. ئىلمەك يىڭنە ئىككى قولىنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى، بىردەمدىن كېيىن بىر تال ئۇزۇن يىپ بىر تال گۈلگە ئايلاندى.

  1-ئاينىڭ 15-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى شىنچېڭ بازىرى لياڭزى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزىدە، 59 ياشلىق جاڭ ليەنخۇا ۋە ئاچا-سىڭىللار تىۋىتلىق گۈل توقۇۋاتاتتى.

  «ئوخشاش بولمىغان گۈلنى توقۇشتا ئوخشاش بولمىغان يىڭنە ماھارىتى ئىشلىتىش كېرەك، توقۇش ئەڭ تەس بولغىنى بۇ كىچىك يېشىل يوپۇرماق.» جاڭ ليەنخۇا يىڭنە ئىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىش قىلغاندا غەيرەتلىك. «يىڭنە ئىشىنى باشلىغاندا، تۆت قىسقا، ئۈچ ئۇزۇن، بىر توختاش، ئۈچ ئۇزۇن، ئالتە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن، بىر ئىلمەك... » جاڭ ليەنخۇا توقۇش قائىدىسىنى يېنىك ئوقۇغاچ ئىش قىلدى، يېشىل رەڭلىك يىپ ئۇچى بارماق ئۇچىنى بويلاپ ئاستا-ئاستا يىغىلىپ، ئوڭ-سول ئىككى تەرىپى ئوخشاش بىر نۇقتىدىن توقۇلدى، ئەڭ ئاخىرىدا جەملىنىپ «يوپۇرماق ئۇچى»غا ئايلاندى. «ئىككى تەرەپتە 26 قېتىمدىن يىڭنە ئىلىمىز، بىر تال يىڭنە كەم بولسا ‹يوپۇرماق› چىقمايدۇ.» تەخمىنەن 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، جاڭ ليەنخۇا يىپ-يىڭنىنى قويۇپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلدى.

  جاڭ ليەنخۇانىڭ كۈلكىسى ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك كىرىمىدىن كەلگەن، بىر تال يېشىل يوپۇرماق ئىككى يۈەن، بىر تال پۈتۈن گۈل يەتتە يۈەن، بىر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈلكىسى كۆڭۈلدىكى قانائەتتىن كەلگەن بولۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ھەم سىرداش دوست تۇتالايدۇ.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، جاڭ ليەنخۇا بىلەن ئېرى سىرتتىن لياڭزى كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئېرى تيەنجىن پورتىدا خىزمەت تاپقان بولسىمۇ، لېكىن جاڭ ليەنخۇانىڭ پۇتى ئاغرىپ قالدى، ئۇ: «ئىككى قەدەم ماڭساملا مەزمۇت تۇرالمايتتىم، خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇم قولايسىز بولۇپ قالغان ئىدى» دېدى.

  2020-يىلى 1-ئايدا، تيەنجىن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «ئاياللار ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، قول توقۇمىچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتى، مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ماھارەت + زاكاز»لىق ئائىلىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. لياڭزى كەنتىنىڭ يىپلىق گۈل توقۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى مۇشۇ يەردىن بارلىققا كەلدى. «سىناپ باقاي» دەپ ئويلىغان جاڭ ليەنخۇا قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.

  2021-يىلى 10-ئايدا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ئەتىرگۈل، لائۇر دەرىخى ۋە گۈللۈك توپتىن ئىبارەت ئۈچ خىل گۈلنى ياساش، ھەربىر گۈل بەرگىنىڭ ئۆزئارا خاتالىق پەرقىنى مىللىمېتىر بويىچە ھېسابلاشتەك بىر چوڭ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «قانچە كۈچ سەرپ قىلساق، سەۋىيەمىزنى شۇنچە نامايەن قىلغىلى بولىدۇ!» جاڭ ليەنخۇا ئاچا-سىڭىللىرىنى يېتەكلەپ ئوقۇتۇش سىن كۆرۈنۈشى ۋە كۆرسەتمە خەرىتىسى بويىچە قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئاخىرى بىر يۈرۈش ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىڭنە ئىلىش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، 731 تال ئەتىرگۈل، 6203 تال لائۇر گۈلى، 1563 تال گۈللۈك توپ ۋە 7624 تال يېشىل يوپۇرماق پۈتۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مال تاپشۇرۇلدى. مەھسۇلات يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يەنە يېڭى زاكاز تالونى كەلدى.

  «قايسى ئورۇن ئىكەن؟ مەھسۇلات خۇددى سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئوخشايدىكەن، مىقدارى يەنە شۇنچە چوڭمىكەن؟» كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئىزچىل بىر سىر بار ئىدى.

  بۇ يىل يېڭى يىلغا كەلگەندە، سىر ئاندىن يېشىلدى. شۇ كۈنى لياڭزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى خۇڭيۈ قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىغا كېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاچا-سىڭىللار، بىزنىڭ كىم ئۈچۈن گۈل توقۇغانلىقىمىزنى بىلەمسىلەر؟ سىز يېشىلدى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىكەن!»

  كۆپچىلىك ئولىشىپ كەلدى، لى خۇڭيۈ دەرھال يان تېلېفونىنى ئېچىپ، ئاخبارات خەۋىرىنى تاپتى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولدا تىۋىت يىپتىن توقۇلغان گۈل مۇكاپات گۈلى قىلىنىدۇ، ئەتىرگۈل، قوڭغۇراقگۈل، گۈللۈك توپ، لائۇر ۋە زەيتۇن قاتارلىق گۈللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «مەڭگۈ توزىمايدىغان» تىۋىت يىپ گۈل بولىدۇ... بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى لياڭزى كەنتىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدىن چىقىدۇ.

  «بىزمۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىكەنمىز!»، «دۇنياغا لياڭزى كەنتىدىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ قويايلى!»

  «تەنھەرىكەتچىلەر مۇكاپات ئالغاندا، مەن تېلېۋىزور بىلەن سۈرەتكە چۈشىمەن!»... جاڭ ليەنخۇانىڭ ئېنىق ئېسىدە، ئۇ كۈنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى چاغاندەك قىزىپ كەتكەنىدى.

  (تېخىمۇ كۆپ خەۋەرنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 4-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ