خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى داليەن شەھىرى گەنجىڭزى رايونلۇق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گەنجىڭزى رايونىدىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، داليەن شەھىرى گەنجىڭزى رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى گەنجىڭزى رايونى چيەنشەن شىنچېڭ ئولتۇراق رايونى 77-بىنادىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى، ئوت ئۆچۈرۈش، ج خ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزدى. سائەت 15 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئاخىرلاشتى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، يېقىلغۇ گاز پارتلاش دېگەن سەۋەب دەسلەپكى قەدەمدە تۈگىتىلدى، ئوت ئاپىتىدە ئىككى ئادەم ئۆلدى، ئىككى ئادەم بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلدى.
ھازىر داليەن شەھىرى گەنجىڭزى رايونى قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ