مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خىزمەت كۆرسەتكەن 125 نەپەر تېز يوللانما خادىمى 848 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

2022.01.20 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «ئالاقە تورى + يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇچراشمايدىغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلدى، زەھەر توشۇدى، يەتكۈزۈش يوللىرىدا زەھەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر تېز كۆپەيدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۇڭچېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ مىنىستىرلىقى دۆلەت پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ۋاقىتنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يەتكۈزۈش يوللىرىدا زەھەر چەكلەش بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  ھەرىكەت مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يەتكۈزۈش يولىدىكى زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت دېلوسىدىن 1709 ى پاش قىلىندى، زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 3802 سى تۇتۇلدى، تۈرلۈك زەھەردىن 4.3 توننا قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.6 ھەسسە، 2.1 ھەسسە ۋە 8.4 ھەسسە كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە، يەتكۈزۈش يولىغا چېتىشلىق زەھەر يەتكۈزۈش نىشانىنى نازارەت قىلىش دېلوسىدىن 62 سى پاش قىلىندى، شايكا تورىدىن 60 نەچچىسى بىتچىت قىلىندى، زەھەر چەككۈچى ۋە ئېلىپ ساتقۇچىدىن 2946 سى تۇتۇلدى، ج خ زەھەر چەكلەش تارماقلىرى پاش قىلىش مەلۇماتىغا ئاساسەن 135 دېلونى پاش قىلدى، 303 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، 458.3 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى، 125 تېز يەتكۈزۈش خادىمىنى مۇكاپاتلىدى، 848 مىڭ يۈەن مۇكاپات مەبلىغىنى نەقلەشتۈردى، كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى زەھەر چەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېڭى ئۈنۈملۈك كۈچەيدى، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ زەھەرنى تونۇش، زەھەرنى تەكشۈرۈش، پاش قىلىش ئاكتىپلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، يەتكۈزۈش ساھەسىدە قويۇق بولغان زەھەر چەكلەش كەيپىياتى يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ