مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا ساغلاملىق كودى ياكى مۇساپە كودى بىنورمال بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ

2022.01.20 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ئاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمەت ئېھتىياجى ۋە داۋالىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرتىپنى ياخشىلاش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، يولنى راۋانلاشتۇرۇش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. ساغلاملىق كودى ياكى مۇساپە كودى بىنورمال بولۇش، قىزىش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى بولۇش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇش ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئەرز قىلماقچى بولغانلار بىۋاسىتە 12320 قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

  لى ئاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تارقىلىش ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى مەۋجۇت بولماقتا، ئاممىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنى خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش، بىمارلارنىڭ شۇ جايدىكى يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئۈچىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، ئالاقە تورىدا داۋالاش قاتارلىق تور شەكلى ئارقىلىق باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ شۇ جايدا يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشى ئۈچۈن قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. بېيجىڭغا كېلىپ داۋالىنىۋاتقان جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارغا قارىتا، قۇتقۇزۇش-داۋالاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پائال قۇتقۇزۇش-داۋالاش يولغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ