مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1–ئاينىڭ 17–كۈنى باشلاندى

خەلققە قولايلىق يارىتىش ئون چوڭ تەدبىرى ئارقىلىق سەپەرگە چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2022.01.18 13:20 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2022-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 2- ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، جۇڭگو دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى خەلققە قولايلىق يارىتىشئون چوڭ مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنچ، تەرتىپلىك، ئىللىق بولغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش كەيپىياتى يارىتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىدىكەن.

  بىرىنچىدىن، تىرانسپورت كۈچى ئىلمىي، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش شارائىتىدا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا ھەر كۈنى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى ئورنى بىلەن تەمىنلىنىپ، 2019–يىلىدىكىدىن %10تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ. يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش– تىزگىنلەشنىڭ قوش ئېھتىياجى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇلىدۇ. قىسمەن رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە، تىرانسپورتنى تېزدىن تەڭشەپتەشكىللەپ، يۇقۇملۇق كېسەللىككە چېتىشلىق رايونلاردا يولۇچىلار پويىزى توختىتىلىپ، ئازايتىلىپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ئازايتىلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، بېلەت سېتىش مۇلازىمىتى تەدبىرلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش تەسىراتى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ. 12306 تور بېكىتى (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ بېلەت سېتىش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمەت ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ياكى ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش كەسپى ئەسلىدىكى ھەر كۈنى سائەت 5:00دىن 23:30غىچە بولغاندىكىدىن ھەر كۈنى سائەت 5:00 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 1:00گىچە (ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن باشقا) ئۇزارتىلىدۇ؛ تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئەڭ كېچىككەندە پويىز قوزغىلىشتىن ئالتە سائەت بۇرۇندىن ئىككى سائەت بۇرۇن قىلىپ تەڭشىلىدۇ، يولۇچىلار پويىزى قوزغىلىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن تولۇقلىما بېلەت سېتىۋېلىش كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ؛ ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش تېرمىنالىدا يېڭىدىن ئېلېكتىرونلۇق بېلەتنى ئۆزگەرتىش فۇنكسىيەسى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلار ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا بېلەت ئۆزگەرتىش كەسپىنى تاماملىسا بولىدۇ؛ 12306 تور بېكىتىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى يەنە بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يولۇچىلار 12306 تور بېكىتى (يان تېلېفون تېرمىنالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق 24 سائەت بېلەت قايتۇرسا بولىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ۋاقىتلىق ئېلېكتىرونلۇق كىملىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، قىسمەن يولۇچىلارنىڭ پويىزغا جىددىي ئولتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. ئەگەر يولۇچىلار كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغان ياكى يېنىدا ئېلىپ يۈرمىگەن بولسا، 12306 يان تېلېفون تېرمىنالىدا پويىزغا چىقىدىغان ۋاقىتلىق ئېلېكتىرونلۇق كىملىكنى توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋوگزالدا بېلەت سېتىۋېلىش، بېلەت قايتۇرۇش، بېلەت ئۆزگەرتىش، ۋوگزالغا كىرىش، بېلەت تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى نورمال تاماملىيالايدۇ، ۋوگزالغا بېرىپ قەغەزچە ئىسپات بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت تەدبىرى بېيىتىلىپ، ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. ياشانغانلار، تور ئىشلىتەلمەيدىغان كىشىلەر توپى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا، توردا ۋە تور سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ياشانغانلار 12306 ھېسابات نومۇرىغا تىزىملاتقان تېلېفون نومۇرىدا 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلغاندا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. سۈنئىي بېلەت سېتىش، تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىش، نەق پۇل ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇسۇللىرى داۋاملىق ساقلىنىپ، تور ئىشلىتەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  بەشىنچىدىن، ئۇچراشماي مۇلازىمەت قىلىش زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىپ، يولۇچىلارغا ساغلام سەپەرگە چىقىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ۋوگزالدىكى ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى، ۋوگزالغا كىرىش يېشىل يولى كۆپەيتىلىدۇ؛ ئالاقە تورى ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىش، پويىزدا ئۈندىدار ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تاماق ۋاگوندىكى ئورۇنغىچە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ئالتىنچىدىن، پويىز ئالمىشىش مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ داۋاملىق سەپەر قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. توردىكى داۋاملاشما پويىز ئالمىشىش ۋاقتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پويىز ئالمىشىش بېكىتى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پويىز ئالمىشىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ تور سىرتىدا ۋوگزال ئىچىدىكى قولايلىق پويىز ئالمىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەت 75تىن 80گە كۆپەيتىلىپ، پويىز ئالمىشىشقا يېتەكلەش ۋە پويىز ئالمىشىش يولى تەسىس قىلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ پويىز ئالمىشىشى يەنىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلىدۇ.

  يەتتىنچىدىن، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش دائىرىسى ۋە سالمىقى زورايتىلىپ، يولۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. ئېتىبار پويىز ئوڭ يۆنىلىش ۋە تەتۈر يۆنىلىش، ئوق پويىز ۋە ئادەتتىكى پويىز، بەلگىلەنگەن پويىز ۋە ۋاقىتلىق كۆپەيتىلگەن پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %45 ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ، ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %80 ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ، پەرقلىق بېلەت باھاسى بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ.

  سەككىزىنچىدىن، «ئاستا پويىز» يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ھەيدىلىپ، چەت-ياقا، تاغلىق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى «ئاستا پويىز»نىڭ قاتناش كۆلىمى داۋاملىق ساقلىنىدۇ، قاتناش توختىتىلمايدۇ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  توققۇزىنچىدىن، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» مەخسۇس پويىز قاتناپ، ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ھازىر شەنشى ئۆلكىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش مەخسۇس پويىزىدىن 14ى قاتنىدى، كېيىن ئېھتىياجغا ئاساسەن داۋاملىق قاتنايدۇ.

  ئونىنچىدىن، «قار ئارزۇسى» قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىرانسپورت مۇلازىمىتى كاپالىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىنىدۇ. ھەر كۈنى 40 جۈپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پويىزى قاتنايدۇ، ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمىدا خادىملار مەركەزلىك سەپەرگە چىققاندا يەنە مەخسۇس پويىز كۆپەيتىلىدۇ؛ 12306 قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەخسۇس رايونىنىڭ بېلەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تەشكىللەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تىزىملاتقان خادىملار ۋە ئىشىك بېلىتى بار تاماشىبىنلار ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە يۈك توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، توك چىقىرىش، پار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر، شەرقىي شىمالدىن ئاشلىق يۆتكەش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك خىمىيەۋى ئوغۇت، بايراملىق ماددىي ئەشيا قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريولدا كۈنىگە 170 مىڭ ۋاگوندىن ئارتۇق يۈك توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 363 بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەش زاۋۇتىدا ساقلانغان كۆمۈرنىڭ 15 كۈندىن ئارتۇق ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۆمۈريول 95306 يۈك تىرانسپورت ئېلېكتىرونلۇق سودا سىستېمىسىنىڭ يېڭى فۇنكسىيەسى، يېڭى مۇلازىمىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىپ، يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ