مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

104.88 ! مەملىكەت بويىچە ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبەت سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى

2022.01.18 13:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى (31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رەسمىي ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىسى ۋە چەت ئەللىك خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 1 مىليارد 412 مىليون 600 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 480 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. پۈتۈن يىلدا تۇغۇلغان نوپۇس 10 مىليون 620 مىڭ، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى% 7.52، ئۆلگەن نوپۇس 10 مىليون 140 مىڭ، ئۆلۈش نىسبىتى% 7.18، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى% 0.34 بولغان.

  جىنس قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ نوپۇسى 723 مىليون 110 مىڭ، ئاياللارنىڭ نوپۇسى 689 مىليون 490 مىڭ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ جىنس پەرقى 104.88 (ئاياللارنى 100 ئادەم دەپ قارىغاندا) بولغان.

  ياش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 882 مىليون 220 مىڭ ئادەم بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ% 62.5 ىنى ئىگىلىگەن؛ 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلارنىڭ نوپۇسى 267 مىليون 360 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ% 18.9 ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلارنىڭ نوپۇسى 20 مىليون 560 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ% 14.2 ىنى ئىگىلىگەن.

  شەھەر-يېزىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، شەھەر-بازارلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 914 مىليون 250 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 12 مىليون 50 مىڭ كىشى كۆپەيگەن؛ يېزا-كەنتلەردە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 498 مىليون 350 مىڭ بولۇپ، 11 مىليون 570 مىڭ كىشى ئازايغان؛ شەھەر-بازار نوپۇسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى (شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى)% 64.72 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 0.83 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  مەملىكەت بويىچە نوپۇسى ئايرىلغان ئاھالە (يەنى ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن نوپۇس تىزىملاتقان جاي بىر ئەمەس ھەمدە نوپۇس تىزىملاتقان جايدىن ئايرىلغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئاھالە) 504 مىليون 290 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11 مىليون 530 مىڭ كىشى كۆپەيگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس 384 مىليون 670 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 8 مىليون 850 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ