مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تونگاغا 100 مىڭ دوللار ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى

2022.01.18 13:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تونگا دېڭىز تەۋەلىكىدە يانار تاغ پارتلاپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 17-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تونگادا يانار تاغ پارتلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاپەت ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاپەت ئېغىر زىيانلارنىكەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئۈچۈن تونگا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى تونگانى 100 مىڭ دوللارجىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك نەق پۇل ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئاپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، تونگا تەرەپگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، بىز تونگا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چوقۇم بالدۇرراق ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ