خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاشكارا بېلەت سېتىش ئۇسۇلىنى تاماشىبىنلارنى نەق مەيداندا كۆرۈشكە نىشانلىق تەشكىللەش قارار قىلىنغان، تاماشىبىنلار مۇسابىقە كۆرۈشتىن بۇرۇن، مۇسابىقە كۆرۈش داۋامىدا ۋە مۇسابىقىدىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇقئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىنمۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق رېئايە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يېڭى تىپتىكىتاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق سىياسەت ئېلان قىلىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى تاماشىبىنلارغا بېلەت ساتماسلىق، چېگرا ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاماشىبىنلارغا بېلەت سېتىش ئىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ