جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېينى قامال قىلىشى ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ
2022.01.18 12:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سىنگاپورنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ما كەيشو يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەنگلىيە كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەنگلىيە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزگەن ئاخبارات خادىمىنىڭ«ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش»ى ئارقىلىق، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئەمما، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن«تەسلىم بولدى». بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى:ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېينى«قامال قىلىش» قارارى ئەنگلىيەنىڭ 5G قۇرۇلۇشى نىشانىنى زور دەرىجىدە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تاراتقۇ ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىۋەزىرى ئولىۋېر داۋدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خۇاۋېي» ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەش ئەنگلىيەنىڭ 5G قۇرۇلۇشىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېيدەك بۇنداق ھالقىلىق ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ 5Gئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش كەلگۈسى ئون يىلدا ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار تور ئورۇنلاشتۇرۇش تەننەرخىنى% 9تىن% 29كىچە ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. «ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە كۈچلەر سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ مەلۇم دۆلەتكە يان بېسىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ، جۇڭگونىڭ ئالاھىدە كارخانىلىرىنى باستۇردى، ئەمما ئۆز دۆلىتىدىكى ئاممىنى 5G يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىدىن مەھرۇم قىلىشتەك ئاچچىق مېۋىدىن تېتىتقۇزدى، بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتى ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ