مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا تۆھمەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

___ تۈركىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلەرگە رەددىيە بەردى

2022.01.17 22:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ — تۈركىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى دۆلەت ئىچىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەت ئەلدە تۇرغاندا ۋەتىنىمىز مۇستەھكەم ئارقا تىرەك، ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  تۈركىيەدىكى جۇڭگولۇق ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئانادولۇ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كامران ئەكرەمجان سىن ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بەزىلەر مەندىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىسا، مەن ئۇلارغا يۇرتۇم شىنجاڭنىڭ سۈرىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىمەن، ئۇلار سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ، مەن شىنجاڭغا قارىتىلغان ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا، تۆھمەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.»

  تۈركىيەدىكى جۇڭگولۇق ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىستانبۇل داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەراپات ئادىلجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى شۇ جايدىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، «ماسكا، دورىلارنى تارقىتىشتىن ۋاكسىنا ئەملەشكىچە، ئەلچىخانا-كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى بىزگە ئىزچىل ياردەم قىلدى، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت.»

  تۈركىيە-جۇڭگو ياشلار ئىگىلىك تىكلەش باش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى كامىلجان روزى يىل بويى تۈركىيەدە ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021-يىلى مەن باشقا جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدا باش تېمىلىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدىم.

  «دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ، مېھمانلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.» كامىلجان روزى مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا مەن مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقاي، كۆڭلۈم ناھايىتى خاتىرجەم، چۈنكى ۋەتەن مەڭگۈ بىزنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ