مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدار توپى قىمارخانىغا ئايلاندۇرۇلدى

بېيجىڭدىكى ئىككى ئەر قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2022.01.17 22:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئۈندىدار توپىنى سۇپا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى تەشكىللەپ قىمار ئويناش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، جاۋابكار جاڭ فامىلىلىك، دۇڭ فامىلىلىككە قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

  2018-يىلى 5-ئايدا، جاۋابكار جاڭ فامىلىلىك بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدا 20 نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ، ئۆزى قۇرغان ئۈندىدار توپى ئىچىدە قىمار ئويناپ، لاتارىيە تور بېكىتىنىڭ مۇكاپات نەتىجىسىنى دو تىكىش ئوبيېكتى قىلغان ھەمدە ئۆز ئالدىغا «ئەجدىھا»، «يولۋاس»، «تىنچلىق» قاتارلىق قىمار ئويناش قائىدىسىنى بېكىتكەن. جاۋابكار دوڭ فامىلىلىكمۇ باشقا خادىملارنى قىمار ئويناشقا بىۋاسىتە تەشكىللىگەن. سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگان جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، نەق مەيداننى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈندىدار سودا خاتىرىسى ۋە پاراڭلىشىش خاتىرىسىنىڭ كەسمە رەسىمى، ئۈندىدار توپى يوللىغان ئۇچۇرنىڭ كەسمە رەسىمى، ئۈندىدار توپىدا ئېلان قىلىنغان قىمار قائىدىسى ئۇچۇرىنىڭ كەسمە رەسىمى قاتارلىق دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار جاڭ فامىلىلىك، دۇڭ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان.

  سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق قارىدى: جاۋابكار جاڭ فامىلىلىك، دوڭ فامىلىلىك پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان ھەمدە لاتارىيە تور بېكىتىنىڭ مۇكاپاتلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا قىمار قائىدىسى تۈزۈپ، قىمارغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دو تىكىشىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قىمار تور بېكىتىنىڭ ئايرىپ بەرگەن پايدىسىغا ئېرىشكەن، قىمار دەسمايىسى جەمئىي 400 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا جازا بېرىش كېرەك. جاۋابكار جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى، جاۋابكار دوڭ فامىلىلىكنىڭ ئەگەشكۈچى جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ھەمدە سوتقا كەلگەندىن كېيىن ۋە سوت جەريانىدا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى جاۋابكارغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدى. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى جاۋابكار قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇندى. 2-سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى كېسىم چىقىرىپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ