مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچى تورنى قاپلىدى!

2022.01.17 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ پوست ئالمىشىش جەريانىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئەكس ئەتكەن سىن كۆرۈنۈشى پۈتكۈل تورنى قاپلىدى، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 14 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، جەڭچىنىڭ پۇتلىرى توڭلاپ قېتىپ قالغان ئىدى، ئەمما يەنىلا ئەڭ دۇرۇس قىياپىتى بىلەن پوست ئالمىشىش جەريانىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى مۇراسىمىنى تاماملىدى، بۇ جەڭچىنىڭ ئىسمى لى جەنۋېيبولۇپ، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن، ئۇ مۇنداق دېدى:«پوستتا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىش بىز جەڭچىلەرنىڭ ئەقەللىي بۇرچى، ھەر بىر جەڭچى مۇشۇنداق قىلىمىز، مۇشۇنداق ئاددىي خىزمەت مەنزىرىسىنىڭ تورداشلارنى بۇنچە تەسىرلەندۈرۈۋېتىشىنى ئويلىماپتىمىز، بىز بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران قالدۇق، شۇنداقلا بەك پەخىرلەندۇق ۋە ئىپتىخارلاندۇق!». تورداشلار بەس-بەستە جەڭچىلەرگە ئالقىش بېرىشتى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ