مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇنداق ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالسىڭىز ئىشەنمەڭ!

2022.01.17 13:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نامىڭىزدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى توختىتىلدى، * * * *گە كىرىپ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ» ...

  يېقىندا، بەزى كىشىلەر بۇ خىل قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن، كۆرۈنگەن بەت يۈزى ئورگان تور بېتى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بەت يۈزىدىكى كۆرسەتمە بويىچە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرسا، بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىبۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارغا ئىشەنمەسلىكنى ئەسكەرتتى! «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلسا، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ» دېگەن بۇ ئۇچۇر ئالدامچىلىق.

  يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئورگان ئۈندىدارى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغان، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ ئۆلكىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرى يوللىغان، ئالاقىدار مەزمۇن تۆۋەندىكىچە: [لياۋجېڭتۇڭ] نامىڭىزدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى توختىتىلغان، * * * * *گە كىرىپ، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ»، بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ئۇلىنىش (ئەمەلىيەتتە ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۇلانمىسى) بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى بۇ ئۇلانمىنى چېكىشكە ئازدۇرغان.

  ئۇلانمىنى چەككەندىن كىيىن ئېچىلىدىغان بەت ئورگان بېتىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئەگەر بەت يۈزىدىكى كۆرسەتمە بويىچە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى، ئالدىن قالدۇرۇلغان يانفون نومۇرى، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يانفونى ۋە بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ۋە بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىنىپ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ئېلان قىلىغان مۇزمۇندا مۇنداق دېيىلگەن: تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى ياكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھېچقانداق بىر نامدا بۇ تۈردىكى«داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش، ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش» توغرىسىدىكى قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتمىسى يوللىمىغانلىقى ھەم ھېچقانداق تور ئادرېسىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللىمايدىغانلىقى دەلىللەنگەن.

  بۇ تۈردىكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى خېبېي، خۇبېي، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشىنى، ناتونۇش ئۇلانمىنى چەكمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ