مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈننەندە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىشلەتسە بولىدۇ

2022.01.17 12:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا«يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى-ئامبۇلاتورىيە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)» ئېلان قىلىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى ئىدارە ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى كۆپەيتمىگەن ئەھۋالدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئىسچوتىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بەلگىلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۆلكە بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە كاپالەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي ئىسچوتقا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى ئاتا-ئانا، جۆرە، پەرزەنتلەرگىچە يەنىمۇكېڭەيتىپ، شەخسىي ئىسچوتتىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كاپالەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  يۈننەن ئۆلكىلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خۇڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش چارىسى» دە كاپالەت ئوبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېنسىيەگە چىققانلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدىكى ئەمگەكچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە كاپالىتىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسەت دائىرىسىدە داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنىدۇ؛ شەخسىي ئىسچوت قالدۇقىنى ھېسابقا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى يۆتكەلگەندە، يۆتكەپ كىرگەن جايدا شەخسىي ئىسچوت بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شەخسىي ئىسچوتتىكى قالدۇق سوممىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال بولمىسا، بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «يولغا قويۇش چارىسى» دە شەخسىي ئىسچوتنى ئىشلىتىش يولى كېڭەيتىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالانغاندا پەيدا بولغان داۋالىنىش خىراجىتى، بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىدىن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تېببىي خورالما ماتېرىياللارنى سېتىۋالغاندا پەيدا بولغان خىراجەت، شۇنداقلا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ياردىمى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى ۋە سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شەخسىي ئىسچوتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ