مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى!

2022.01.17 12:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت تونگا دېڭىز ئاستى يانار تېغى پارتلىشىنىڭ تەسىرىدە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياپونىيە ئېلىمىزنىڭ كونسۇل تۇرۇشلۇق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە ئۇدا دېڭىز شاۋقۇنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە پاناھلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يۈز بېرىدىغان قالدۇق خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى تەۋە رايونلار، بولۇپمۇ ئالاقىدار شەھەرلەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەتەرلىك جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئادەم ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئەگەر جىددىي، ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، كونسۇلخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشنى ئۇقتۇردى.

  جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: باش ئاپپارات:06-6445-9481/2

  كونسۇلخانا ئارقىلىق قوغدىنىش:06-6445 -9427؛ 080-1420 -8728

  جىددىي تېلېفون:090-6673-6659 (جىددىي زور ۋەقە، ھادىسە بىلەنلا چەكلىنىدۇ)

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەر شارى كونسۇل ئارقىلىق قوغدىنىش 24 سائەتلىك تېلېفونى:

  + 86-10-12308 ياكى + 86-10-59913991

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ