مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدارغا بۇ يېڭى ئىقتىدار يولغا قوشۇلدى

2022.01.17 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1- ئاينىڭ 17- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىداردا پاراڭلىشىشتىكى ئەڭ زور باش قېتىنچىلىقى نېمە؟ چوقۇم بەزىلەر قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن بىر قاتار ئاۋازلىق ئۇچۇر، يەنە كېلىپ ھەممىسى 30 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇر دېيىشى مۇمكىن...

  ئاۋازلىق ئۇچۇر ئۇزۇن بولۇپلا قالماي يەنە بىر قېتىمدىلا ئاڭلاپ بولۇش كېرەك، بولمىسا باشتىن يەنە بىر قېتىم ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئالدىنقى قېتىم يېڭىلانغىنىغا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈندىدار iOS نۇسخىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى يوللاندى، يېڭىلاش تونۇشتۇرۇشىدا ئۈندىدار ئورگان تەرەپ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىخچام قىلىپ، ھەل قىلىنغان بەزى مەلۇم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن .

  ئەمما يېڭىلىغان تورداشلار بۇ قېتىمقى ئۈندىدارنى تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭىلىنىش، دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان.

  ئاۋازلىق ئۇچۇرنى يېرىمىدا ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت كۆپچىلىك بىر قانچە يىل كۈتكەن ئىقتىدار ئاخىر قوشۇلدى. نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى نەشرىگە يېڭىلانغاندىن كېيىن ئۈندىدار ئۇزۇن ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن چېكىپ توختىتىپ قويسا بولىدۇ، ئەگەر جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالسا توختىتىپ قويۇپ كېيىن ئاڭلىسا بولىدۇ، پۈتۈن بۆلەك ئۇزۇن ئاۋازنى قايتا ئاڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

  بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا يېڭىدىن كۆپەيگەن «يازما ئۇچۇرنى ئوقۇپ بېرىش» ئىقتىدارى ئېچىلغاندىن كېيىن، پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىكى يازما ئۇچۇرنى يېنىك بېسىش ئارقىلىق، دېكلاماتسىيە قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  تورداش «شىداپۇبىن» مۇنداق دېدى: «بۇ ئىقتىدار تولىمۇ زۆرۈر، ئىلگىرى ھەر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالسا قايتىدىن بىر قېتىم ئاڭلايتتۇق» دېدى. يەنە بىر تورداش ئاۋازلىق قويۇش سۈرئىتى ۋە تېز قويۇش ئىقتىدارىنىڭ قاچان قوشۇلىدىغانلىقىنى سورىغان.

  تورداشلار يەنە دوستلار چەمبىرىكىگە قاچان ھەرىكەتچان رەسىم چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۈندىداردىكى دوستى تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلسە قانداق بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ