مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەپتىش ئۈچ يىلدا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئوغرىلانغان تاللا بازىرىغا تەكلىپ بەردى

2022.01.17 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«تەپتىشنىڭ تەكلىپى ناھايىتى قاراتمىلىققا ئىگە، بىز ئاپتوماتىك ھېسابات قىلىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈزىتىپ، ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز». يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى خەنياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى مەلۇم چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىغا كېلىپ، ئىككى خەلق نازارەتچىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە تەپتىش تەكلىپىنى ئاشكارا يەتكۈزدى.

  لۇ X 2020- يىلى 5- ئايدا مەلۇم تاللا بازىرىدىن ئوكۇن بېلىقى، چوشقا گۆشى قاتارلىق تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ تاللا بازىرىدا مۇلازىمسىز ھېسابات قىلىنىدىغانلىقىنى، يېنىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تاپشۇرمايلا بىر قىسىم تاۋارلارنى تاللا بازىرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. كېيىنكى تۆت ئايدا لۇ X بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلغان، كېيىن خىزمەتچى خادىملار تەرىپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. سىن ۋە سېتىۋېلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لۇX نىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 قېتىم ئوخشاش بىر تاللا بازىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 5000 يۈەندىن ئاشقانلىقى بايقالغان.

  خەنياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 2019-يىلىدىن بۇيان ۋۇخەن شەھىرىدىكى مەلۇم چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىغا دائىر 15 ئادەمگە چېتىشلىق 14 ئوغرىلىق دېلوسىنى بېجىرگەن، ئوغرىلىق قېتىم سانى 100 قېتىمدىن، چېتىشلىق سومما 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  بۇ خىل دېلولارنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى قانداق تۆۋەنلىتىش كېرەك؟ مەزكۇر تەپتىش مەھكىمىسى بىرىنچى تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى كۆپ قېتىم بۇ شىركەتتىكى نۇرغۇن زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش، ھېسابات قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھېسابات قىلىش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ مەھكىمە ئۇنىڭغا تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، بىخەتەرلىك ھالقىلىرىدا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇننى بىلىشى، قانۇنغا رېئايە قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئادەم ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تىجارەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتتى. تەپتىش تەكلىپى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا، تەپتىش ئەمەلدارى يەنە نەق مەيداندا قانۇننى چۈشەندۈرۈپ قائىدە سۆزلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ