خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 16-چېسلا تونگادا يانار تاغ پارتلىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تونگادا يانار تاغ پارتلاپ دېڭىز تاشقىنى، يانار تاغ لاۋا كۈلى قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدى ھەمدە تونگانىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تونگا دېڭىز تەۋەلىكىدە يانار تاغ داۋاملىق پارتلاپ دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلىپ، تونگاغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا كۆرسەتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ ئاپەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى بارمۇ؟ ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى:جۇڭگو تونگادا يانار تاغ پارتلاپ دېڭىز تاشقىنى، يانار تاغ لاۋا كۈلى قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈدۇ. جۇڭگونىڭ تونگادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆپ تەرەپتىن ئىگىلىدى، تېخىچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى:جۇڭگو بىلەن تونگا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ تونگا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدۇ، تونگا تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ