مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.01.17 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىز ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ۋە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئۇسۇل. «بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەھلىل يۈرگۈزۈلدى.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

  پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىسەك، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيە يېقىنقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ جاھانگىرلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، فېئودالىزم بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پارتىيە 8 ـ قۇرۇلتىيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئاساسەن تاماملانغاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى خەلقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئالدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قەدەممۇقەدەم قاندۇرۇش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاساسىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ بىزنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، پارتىيە يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش شەرت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش ـ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى توغرا تونۇش ـ تونۇيالماسلىقىمىز ۋە ئىگىلەش ـ ئىگىلىيەلمەسلىكىمىز، مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىش ـ بېكىتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. قاچانكى جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىگە توغرا ھۆكۈم قىلىنغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ.

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.» بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ھۆكۈم دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ كۈچەش نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ماركسىزمنىڭ جەمئىيەت زىددىيىتى توغرىسىدىكى تەلىماتىنى بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى گەرچە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىزنى ئۆزگەرتمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى تونۇش جەمئىيەت تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەشتىكى «ئاچقۇچ»، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتكە قارىتا تونۇشىنىڭ ھەربىر قېتىملىق چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا بولغان تونۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مۇرەككەپ ۋەزىيەت، مۇرەككەپ زىددىيەت، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغىنى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنىنى ئايرىماي، پەرقلەندۈرمەي، قارىغۇلارچە ئىش قىلغاندا، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ.» ھەرقانداق خىزمەتتە، بىز ھەم ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسىنى تەكىتلىشىمىز، ھەم مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، زىددىيەت ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، زىددىيەت شەيئىلەر باغلىنىشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئادەمنىڭ بىلىش پائالىيىتى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، زىددىيەتنى ئۈزلۈكسىز تونۇش، زىددىيەتنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانىدۇر. يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ۋە مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ھەرىكىتىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زىددىيەتكە پائال يۈزلىنىپ، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن ئاساسىي زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىددىيەتنى، زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەرىپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بىزدە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى بولۇشى، ھەر خىل زىددىيەتلەرگە قارىتا كۆڭلىمىزدە ئېنىق سان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقا زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن پارتىيە شۇنى جەزمەن سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا ـ دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەرگىزمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان داغدام يول ئەمەس، دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. پۈتۈن پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە مەھكەم قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ جان تومۇرى، خەلقنىڭ بەخت لىنىيەسىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق ـ ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا يېڭى غەلىبىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ