مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ۋېنبىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا «ئۇستاز» ئەمەس، پەقەت «جاۋابكارلار ئورنى»دا ئولتۇرىدۇ، دېدى

2022.01.14 22:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 1-ئاينىڭ 13-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سورالغان سوئالغا بىنائەن: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا «ئۇستاز» ئەمەس، «سوتچى»لىقنى تېخىمۇ قىلالمايدۇ، پەقەت «جاۋابكار ئورنى»دا ئولتۇرالايدۇ، دېدى، ئامېرىكا تەرەپنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» بولۇۋېلىشتەك قوپال ئويۇنىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇساپىرلار ۋە سەرگەردانلار 80 مىليوندىن ئاشقان. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيادىكى %86 مۇساپىرنى قوبۇل قىلىپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا دىققەت قىلدىم. ئامېرىكا ھازىرقى دۇنيادىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقى كۆپ قېتىم مۇساپىرلار دولقۇنىنى قوزغىدى. 2001-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەتلەردىلا 20 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر پەيدا بولدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بارغانلا يېرىدە خەلق تۇرمۇشى خارابلىشىپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ، خەلق سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتتى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كۆچمەنلەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى. ئامېرىكىنىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىشى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، «مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش» ۋەدىسى قۇرۇق گەپ. ئامېرىكا ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا ئايرىش تېمى ياساپ، قورال كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقاردى، يەنە كۆچمەنلەرنى شارائىتى ناچار بولغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۇزاق مۇددەت قاماپ قويۇپ، كۆچمەن ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىنى ئايرىۋېتىش سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىلىق كۆچمەنلەر كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا «ئۇستاز» ئەمەس، «سوتچى» تېخىمۇ بولالمايدۇ، پەقەت «جاۋابكارلار ئورنى»دا ئولتۇرىدۇ. «بىز ئامېرىكا تەرەپنى ‹كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى›بولۇۋېلىشتەك رەزىل ئويۇنىنى توختىتىپ، خالىغانچە پۇلاڭلىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تايىقىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇساپىرلارنى قىيناش مەسىلىسىدىكى نۇرغۇن رەزىل قىلمىشلىرى ۋە قاتمۇقات جىنايەتلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىشكە ۋە تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ