مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن «14-بەش يىل»لىق رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

2022.01.14 22:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «14-بەش يىل»لىق رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پىلانى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، تەرەققىيات نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «يىرىك پىلان» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سانلىق مەلۇماتنى ئاچقۇچلۇق ئامىل، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  «يىرىك پىلان»دا «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، قوللىنىش ئارقىلىق يېتەكلەش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئېنېرگىيە بېرىش، ئادىل رىقابەتلىشىش، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2025-يىلىغا بارغاندا، رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %10 كە يەتكۈزۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرى بازىرى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتدار، باراۋەر قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2035-يىلىغا نەزەر سېلىپ، بىرلىككە كەلگەن، ئادىل، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل بولغان رەقەملىك ئىقتىساد زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈش لازىم.

  پىلاندا سەككىز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىدىن، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئۇچۇر تورى ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بۇلۇت تورىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھېسابلاش تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامىللىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ ئوبوروت قىلىشنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، كەسىپلەر رايونى ۋە توپلاشتۇرۇپ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېكولوگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ قوللاش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، گۈللەنگەن، تەرتىپلىك يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى» ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى رەقەملەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئىدارە قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئورتاق ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ يەتتىنچىدىن، رەقەملىك ئىقتىساد بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ سەككىزىنچىدىن، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش لازىم. سودىنى رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى»نىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. «يىرىك پىلان»دا سەككىز چوڭ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ئۇچۇر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 11 مەخسۇس قۇرۇلۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «يىرىك پىلان»دا بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ رەقەملىك ساپاسى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى يولغا قويۇش، كۆزىتىش، باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ