مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەردىن قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 346 مىليونغا يەتتى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى كۆرۈش نۇقتىسى)

2022.01.14 22:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىغا ھاۋالە قىلىپ قانات يايدۇرغان «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا يېتەكلەش» ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 346 مىليونغا يېتىپ، «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا يېتەكلەش» نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  يېشىدىن قارىغاندا، 18 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىلەردىن قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى 300 مىليون، 18 ياشتىن تۆۋەن ئاھالىلەردىن قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى 46 مىليون بولغان. 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئاھالىلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %37.27 بولغان. رايونلاردىن قارىغاندا، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىم، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا قاتناشقان ئادەم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 143 مىليون، 68 مىليون، 84 مىليون، 51 مىليون بولغان. قاتنىشىش مەقسىتىدىن قارىغاندا، 2015-يىلىدىن بۇيان قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقان زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئامما ئىچىدە، «كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش»نى تاللاش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، %70.35 نى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن قالسا «بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش»نى مەقسەت قىلغانلار %15.78 نى ئىگىلىگەن.

  (ئالاقىدار خەۋەرنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 15-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ