مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراش، ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2022.01.14 22:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاق-پەزىلەتنى قەدىرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەر جاھاندارچىلىق قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنى 22 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى 56 مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە چاغانلىق بەخت تىلەش، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەش، ئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلاش، ئۇلارنى ئىلغار خىسلىتىنى ساقلاپ، ئۈلگىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئەخلاقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، روھنى يېتەكلىگۈچىلەردىن، دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  ھال سوراپ ياردەم بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىچىدە، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا ئاتاكىغا ئۆتكەن، تىنچ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە نام-شۆھرىتىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يۇرتىنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بەرگەن پېشقەدەم ئەسكەر سۈن جىڭكۇن بار؛ 18 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا 365 كۈن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتۈپ، دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا «مېھىر-شەپقەت ئاشخانىسى» ئېچىپ، بىمارلارغا مەززىلىك تاماقلارنى يېگۈزگەن ۋەن زوچېڭ، شيۇڭ گېڭشياڭ ئەر-خوتۇن بار؛ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئاپىسىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قەيسەر قىز ليۇ شىمېڭ بار... ھال سوراش گۇرۇپپىسى يەنە بىر قىسىم قۇربان بولغان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا قەتئىيلىك بىلەن ئېقىمغا قارشى مېڭىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ياش ھاياتى ئارقىلىق ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش كۈرەش سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققان خۇبېيغا ياردەم بەرگۈچى سېسترا لياڭ شياۋشيانىڭ ئاتا-ئانىسى بار؛ شەھەرگە قايتىش پۇرسىتىدىن قايتا-قايتا ۋاز كېچىپ، چەت، يىراق تاغ ئىچىدە يىلتىز تارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە بەختكە قارشى قۇربان بولغان ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى لى شيانىڭ ئايالى قاتارلىقلار بار. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، چوقۇم شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ئارتۇقچىلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى تارقىتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 27 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن 330 نەچچە ئادەم قېتىمنى يۆلىگەن، ئۇلارغا ياردەم بەرگەن. جايلارمۇ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ مەدىتى، ئىجتىمائىي ئىئانە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئەخلاقلىقلار ئېرىشەلەيدىغان، ئەخلاقلىقلار ھۆرمەتلىنىدىغان روشەن يۆنىلىشنى نامايان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ