مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ چىشەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى بونا بىلەن كۆرۈشتى

2022.01.14 22:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 1-ئاينىڭ 13-كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى بونا بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رولنى نىشانلىق تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر فىرانسىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. «ئىناق ھالدا ئوخشىماسلىقنى ساقلاپ قېلىش» ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئايلىنىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي «ھەمكارلىق قوش يولى» بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى، فىرانسىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جۇڭگوغا بولغان توغرا تونۇشىدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ئىز بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بونا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ قوش پايدا ئېلىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ