مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى قانۇنسىز دېدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئىنكاس قايتۇردى

2022.01.14 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى قانۇنسىز، خەلقئارا قانۇن ئاساسىمۇ يوق، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  جاۋاب: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاخبارات ئورېگىنالى ۋە ئالاقىدار تەتقىقات دوكلاتلىرىدا خەلقئارا قانۇن بۇرمىلىنىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش ئارقىلىق ھەق-ناھەق ئارىلاشتۇرۇلۇپ، رايون ۋەزىيىتى قالايمىقانلاشتۇرۇلدى. مەن جۇڭگونىڭ مەيدانىنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەن: ئالدى بىلەن، جۇڭگو «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» نى تۈزۈشكەن دۆلەت، ئەھدىنامىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئەھدىنامىگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلدى. ئامېرىكا ئەھدىنامىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھدىنامىنىڭ ھۆكۈمچىسى بولۇپ، ئەھدىنامىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆپ خىل ئۆلچەملەر بويىچە سىياسىي مەشغۇلات قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىشغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  ئىككىنچى، جۇڭگو دۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنخەي تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى تاقىم ئاراللىرى ئىچكى سۇ، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگراداش رايونلارغا، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون ۋە قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىغا ئىگە، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدا تارىخىي ھوقۇققا ئىگە، يەنى جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي مۇساپىدە بېكىتىلگەن بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»،«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن.

  ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش كېسىمىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق ھەم مۇستەھكەم. كېسىم سوتى «دۆلەت ماقۇللىقى» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن ھالقىپ سوت قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىپ، «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» ۋە ئادەتتىكى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، چىقارغان ھۆكۈمى قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز، جۇڭگو ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  تۆتىنچى، نۆۋەتتە جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئامېرىكىنىڭ رايون سىرتىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كەينى-كەينىدىن جەنۇبىي دېڭىزدا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش قىلمىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ