مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتە تارماق بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2022.01.14 10:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئالتە تارماق بىرلىكتە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى چارىسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، سىياسەت، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى.

  «چارە»دە كاپالەت مەزمۇنى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ «سۇغۇرتا + قۇتقۇزۇش + ياردەم بېرىش + ئېتىبار بېرىش» تىن ئىبارەت داۋالىنىش كاپالىتى سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ھەم مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىلىنىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇناسىپ داۋالىنىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش تولۇقلىمىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  «چارە»دە ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالانغاندا بەلگىلىمە بويىچە ئالدىن نومۇر ئېلىش، دورا ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش، بالنىستتا يېتىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ نەپىقە بېرىدىغان دوختۇرخانىلاردا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ئالدىن كېسەل كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، بالنىستتا يېتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە نومۇر ئېلىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئارمىيەنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالانسا، ئوخشاش دەرىجىدىكى مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە ئالدىن ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم جىددىي بۆلۈمگە نومۇر ئېلىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  «چارە»دە مەبلەغ سېلىنمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە خىراجەت كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش، مەركەز مالىيەسى بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىراجىتىگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىش تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ