مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىئەندىكى ئىككى دوختۇرخانا داۋالاشنى كېچىكتۈرگەنلىكتىن تەرتىپكە سېلىندى

2022.01.14 10:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىدە 1- ئاينىڭ 13- كۈنى «شىئەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ شىئەن گاۋشىن دوختۇرخانىسى بىلەن شىئەن خەلقئارا مېدىتسىنا مەركىزى دوختۇرخانىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى:

  بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىئەن گاۋشىن دوختۇرخانىسى، شىئەن خەلقئارا تېببىي مەركىزى دوختۇرخانىسى «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز بولۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان، تۇنجى دىياگنوز قويۇشقا مەسئۇل بولۇش ۋە جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق داۋالاش سۈپىتىنى باشقۇرۇش يادرولۇق تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەي، خەتەرلىك ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش كېچىكتۈرۈلۈش كېلىپ چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىجتىمائىي تەسىرى يامان بولدى. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىئەن گاۋشىن دوختۇرخانىسى، شىئەن خەلقئارا مېدىتسىنا مەركىزى دوختۇرخانىسىنى تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، شىئەن گاۋشىن دوختۇرخانىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى

  1. 3 ئاي توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، مۇددىتى توشۇپ تۈزىتىشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن قايتىدىن داۋالاشقا كىرىشىش؛

  2. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش.

  3. شىئەن گاۋشىن دوختۇرخانىسى مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، باش دىرېكتورنى خىزمىتىدىن توختىتىشقا بۇيرۇش، ئامبۇلاتورىيە مۇدىرى، تۇغۇت بۆلۈمى مۇدىرى، داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛

  4. پۈتۈن شەھەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەمدە مەزكۇر دوختۇرخانىنى بىمارلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بۇيرۇش.

  ئىككىنچى، شىئەن خەلقئارا تېببىي مەركىزى دوختۇرخانىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى

  1. 3 ئاي توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، مۇددىتى توشۇپ تۈزىتىشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن قايتىدىن داۋالاشقا كىرىشىش؛

  2. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش.

  3. شىئەن خەلقئارا مېدىتسىنا مەركىزى دوختۇرخانىسىنى دوختۇرخانا مەسئۇلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بۇيرۇش، دوختۇرخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، باش مۇدىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەسئۇل مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىنى خىزمەتتىن توختىتىش، ئامبۇلاتورىيەنىڭ سىستېرالار باشلىقىنى خىزمەتتىن توختىتىش؛

  4. پۈتۈن شەھەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەمدە مەزكۇر دوختۇرخانىنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بۇيرۇش.

  ئىككى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشنى توختىتىش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلىنىپ، مۇددىتى توشۇپ تۈزىتىلىپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن قايتىدىن داۋالاشقا كىرىشىدۇ. قاراشلىق رايوندىكى كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىئەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «گاۋشىن دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل كۆرۈشنى توختىتىش مەزگىلىدە ئاممىنىڭ نورمال داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ