مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىلىن تەپتىش ئورگىنى سۈن لىجۈننىڭ پارا ئېلىش، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى

2022.01.14 10:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن لىجۈننىڭ پارا ئېلىش، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ، تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا سۈن لىجۈننىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەم سۈن لىجۈننى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگانلىرى ئەرز قىلىپ مۇنداق ئەيىبلىدى: سۈن لىجۈن شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال كەسپىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان؛ ئاكسىيە بازىرىنى كونترول قىلىش قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان؛ قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، قىلمىشى ئېغىر بولغان، پارا ئېلىش، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ