مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى نەق مەيدانىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

2022.01.14 10:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستى دەنبا ناھىيەسى گۈەنجۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 3- نومۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى رېمونت قىلىنىۋاتقاندا، زاۋۇت ئۆيىنىڭ سۇ باشلاش تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ، 11 نەپەر رېمونتچى قاپسىلىپ قالدى، نۆۋەتتە ئۈچ ئادەم تېپىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم قازا قىلدى)، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گەنزى ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى دەرھال 46 ئادەم، ئالتە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، بىر كاتىرنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ بىر تەرەپ قىلغان. سىچۈەن ئۆلكىلىك ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى چېڭدۇ، يائەن قاتارلىق ئەتراپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ سۇ تەۋەلىكىدىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرىدىن جەمئىي 25 ئادەم، يەتتە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە سۇ سۈمۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ