مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان مەخپىي تۈرمىلىرىنى دەرھال تاقىشى كېرەك

2022.01.13 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسى تەسىس قىلىنغانلىقىغا 20 يىل بولغان كۈن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 10-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان بۇ تۈرمىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن، ئامېرىكىنىڭ «سوتلىماي خالىغانچە قاماپ قويۇش ھەمدە قىيناپ جازالاش ۋە خورلاش» ئۇسۇلىنى» «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى» ئىپادىلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12-چېسلا مۇنداق دېگەن: گۇەنتانامو تۈرمىسى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى زۇلمەتلىك بىر بەت. ئەگەر دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى قامايدىغان «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى» بار دېيىلسە، ئۇ دەل گۇەنتانامو تۈرمىسىدۇر. تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھبۇسلار قامالغاندىن بۇيانقى 20 يىلدا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش سەتچىلىكى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان، ئامېرىكىمۇ بۇ تۈرمىنى تاقاشقا قايتا-قايتا ۋەدە بەرگەن. لېكىن 20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە يەنىلا 39 ئادەم قاماقلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئەيىبلەنگەن ياكى جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەسىس قىلغان مەخپىي تۈرمە پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان بولۇپ، گۇەنتانامو تۈرمىسى پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. گۇەنتانامو تۈرمىسى قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ «قارا تۈرمىسى» ھەر ۋاقىت كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى رەزىللىكى ۋە جىنايىتىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغاندىن كېيىن، دەرھال گۇەنتانامو ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان مەخپىي تۈرمىلىرىنى تاقاپ، خالىغانچە قاماش، جىنايەتچىلەرنى خورلاش قاتارلىق زوراۋانلىقلارنى توختىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم بېرىشى، قاتتىق جازالاشقا ھوقۇق بېرىلگەن ۋە جازا بېرىلگەن خادىملارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ